دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «5 - فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 15 يىللىق خاتىرىلىدى

2012-02-04

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن 1997 - يىلى غۇلجادا يۈز بەرگەن «5 - فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 15 يىللىق خاتىرىلىدى.


بەزى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىش قىلىپ، ۋەقەدە قازا قىلغان ۋە ۋەقە سەۋەبىدىن تۇتۇلۇپ تۈرمىلەردە غايىب بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلسا، بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغان تولىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق بىلدۈردى.

بۇ خىلدىكى قارشىلىق نامايىشى ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى.

بۈگۈن نورۋېگىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرىدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ۋە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىت رايونى بويىچە 5 - فېۋرال نامايىش ۋە باشقا شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ «5 - فېۋرال ۋەقەسى» نى خاتىرىلەيدىكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.

پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ

Click here to add your own comment

ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ

ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ
ﺧﻪﯞﻩﺭﮔﻪ ﻣﯘﺷﺘﻪﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﺑﯧﺴﯩﺶ
بۇ ھېكايىنى قوشۇۋېلىڭ



 
Radio Free Asia
2025 M Street NW, Suite 300
Washington DC 20036, USA
202-530-4900
uygweb@rfa.org