گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا ئۈرۈمچى تىنجىدى، تەرتىپ ئەسلىگە كەلدى، دەۋاتسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچى كۇچىلىرىدىكى تاملارغا، بىنالارغا، كۆۋرۈكلەرگە، ھەربىي ئاپتوموبىللارغا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە چاپلانغان شۇئار، ئېسىلغان پىلاكاتلار ھازىرمۇ بار. بۇ رايوننىڭ چەت بىلەن بولغان ئالاقە تورلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتتى. شەھەرگە تولۇپ كەتكەن بۇ سىياسىي ئەخلەتلەرنى تازىلاپ بولغاندىمۇ، ئالاقە تورلىرىنى قايتىدىن ئۇلىغاندىمۇ، خەلقنىڭ قەلبىدىكى يارىنى ساقايتىش ئۇنداق تېز ھەم ئاسان ئەمەس.
چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۆزگەرمىدى. ئۇيغۇرلار تارتقان ئازاپ -ئوقۇبەتلەر سىرتقا ئاڭلانغانسىرى، دۇنيادا ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق ۋە قوللاش شۇنچە كۈچىيىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ھەرىكىتى كۈچەيگەنسىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇشنى يەنە بىر بالداق قاتتىقلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما باستۇرۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يەنە ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا 'يۈز كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش' دەپ ئاتالغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى (شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرى).
خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ دائىمى ئەزاسى، سىياسىي -قانۇن كومىتېت سېكرىتارى جۇ يۇڭكاڭ جىڭگاڭسەندە، مەملىكەت بۇيىچە جامائەت خەۋپسىزلىك نازارەت، ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىپ 'خەلق ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش' دېگەن نام ئاستىدا ئېلىپ بارىدىغان باستۇرۇش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇردى (خىتاينىڭ 'خەلق تورى'نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرى).
