يىغىن ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ يىغىن توغرىسىدىكى ئېلانىدا بۇ يىغىننىڭ مەقسىدىنى، "خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئارقىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ستراتېگىيە، ئۇنىڭ ئەمەلىي تەسىرى ؟ ئىقتىسادى يەكلىنىش، مەجبۇرى مەدىنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسى ۋە سىياسى باستۇرۇشىنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللاردا پەيدا قىلغان تەسىرىنى چۈشۈنۈشتۇر،" دەپ تەكىتلىگەن.
يىغىندا سۆزلىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىك مەسىلىسىگە تۇتقان سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەنئەنىۋى مىللىي كىملىكىدىن يىراقلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلاردا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن - مۇددەتلىك سىياسى سىتراتىگىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر كىملىك ياراتماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، "تىبەتكە نەزەر" ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى، تىبەت خەلقئارا ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئالاقە ئىشلار مەسئۇلى رىنچېن تاشى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇقى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئېنخېباتۇر توگوچۇك، چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ " بېيجىڭ باھارى " ژورنىلىدىكى يۇي داخەي قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ مىللىي كىملىك سىياسىتى، تىبەت ۋە موڭغۇللار دۇچ كېلىۋاتقان كىملىك مەسىلىسىنى چۈشەندۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى چەتئەلدىكى تىبەت، خىتاي تەشكىلاتلىرىنى شۇنداقلا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى پائالىيەت خىراجىتى بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئورگاندۇر.