باياناتتا مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي دائىرىلىرى ئەيىبلەنگۈچىلەرگە دائىر بۇ دىلولاردا ئۇيغۇر تەپتىشلەرنى نېمە ئۈچۈن ئالماشتۇرغانلىقىغا قانائەتلىنەرلىك ئىزاھات بېرىشى كېرەك. تەپتىشلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بىر تەرەپلىمىلىك مۇئامىلە قىلغانلىقىغا دائىر پاكىتلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، خەلقى ئالەمگە ئىسپاتلىشى شۇنداقلا ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ سىياسى سەۋەبتىن ئالماشتۇرۇلغانلىقىغا دائىر گۇمانلارنى تۈگىتىشى لازىم."
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئالما گېزىتى"نىڭ يېقىندا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى سوتلاش ئىشىدا ئۇيغۇر تەپتىش ئەمەلدارىنى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا يۇمشاق قوللۇق قىلىش بىلەن تەنقىدلەپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بۇ تەپتىشنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.
باياناتتا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، "شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار دائىم ئىشەنگىلى بولمايدىغان ياتلار قاتارىدا يەكلەشكە ئۇچراۋاتىدۇ شۇنداقلا قانۇن ۋە ئەدلىيە ئىشلىرىدا ئۇلارنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇۋاتىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن.
