بۇ ۋەقە يېڭى زېللاندىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ پەلەمپىيىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ جۈمە كۈنى پارلامېنت بىناسىغا كەلگەن، نورمان بولسا تىبەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان.
نورمان پارلامېنت بىناسىنىڭ پەلەمپىيىدە تىبەتكە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ، تىبەت بايرىقىنى لەپىلدىتىۋاتقاندا، شى جىنپىڭنىڭ قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنى قورشىۋېلىپ ئۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېڭى زېللاندىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى لاكۋۇد سىمىس ۋەقە ئۈستىدىن دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
نورمان شۇ كۈنى ساقچىغا ئەرز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ قوغدىغۇچىلىرىنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. يېڭى زېللاندىيە باش مىنىستىرى جون كەي نورماننى قوللاپ، "يېڭى زېلاندىيىلىكلەر ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەش، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى تىنچ يوللار بىلەن نامايەن قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. دوكتور نورماننىڭ باشقىلارغا ئوخشاشلا بۇ ھوقۇقى بار" دېگەن.
يېڭى زېللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تىبەتنى قوللاپ، خىتاي رەھبەرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى 2005 - يىلى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋۇ باڭگونىڭ يېڭى زېللاندىيە زىيارىتىدە بىر قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى.
