تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى

خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل، 29 - ئىيۇن ئۇيغۇر ئېلى پايتەختى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان. تۈركىيە خابېر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئابدۇللا گۈل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي بىلەن تۈركىيىنى باغلاپ تۇرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پرېزىدېنت ئابدۇللا گۈل، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولغان ۋە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئابدۇللا گۈلگە پەخرىي پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى تەقدىم قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئابدۇللا گۈل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالغان ۋە: " ئۇيغۇرلار خىتاي ۋە تۈركىيە دوستلۇقىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. بۇ خىل رول بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ،" دېگەن.

24 - ئىيۇن خىتايغا يېتىپ كەلگەن تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل 25 - ئىيۇن خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابدۇللا گۈلنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىنىڭ مەزمۇنى، تۈركىيە - خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە بىرلىكتە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان.