بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قوراللىق ھۇجۇمچىلارنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداپىئە ئىستىھكامىغا قارىتا كېچىدە ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدا 8 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە ئىككى نەپەر ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بىرلەشمە ئارمىيە ھۇجۇمنى چېكىندۈرگەن ھەمدە تېگىشلىك زەربە بېرىپ، قارشى تەرەپنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بىراق، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ بۇ ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئېلان قىلمىغان بولۇپ، تالىبانلار بۇ ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى زىممىسىگە ئالغان. بىراق ئافغانىستان تەرەپ ھۇجۇمچىلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ پاكىستان تەرەپتىن كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى بۇ قېتىمقى 8 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ بىراقلا ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قېتىملىق ئېغىر چىقىم ئىكەنلىكىنى يېزىشماقتا.
