بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكىرى 19 مىڭ، ناتو قىسىملىرىنىڭ ئەسكىرى 14 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قوماندانى يەنە 30 مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ تەھدىتى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، ئافغانىستاندىمۇ تالىبانلارنىڭ كۈچى ھەدەپ يۈكسىلىۋاتىدۇ. ئافغانىستاندا 2008 - يىلىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا ئۆلگەن ۋە زەخمىلەنگەن ئادەم سانى2118، بۇ، ئافغانىستاندا 2001 - يىلىدىن بۇيان ئاۋام خەلقتىن ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن ۋە زەخمىلەنگەن يىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
