ئالبانىيە گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى داۋاملىق قوبۇل قىلماقچى

ئالبانىيە دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ئالبانىيىنىڭ گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالبانىيە باش مىنىستىرى سالى بېرىشا بۇ سۆزنى ئالبانىيىنىڭ پايتەختى تېرانادا ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى دانىيال فىرىد بىلەن گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن قىلغان.

ئۇ سۆزىدە، ئالبانىيىنىڭ كىچىك بىر بالقان دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالبانىيىنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئالبانىيە 2006 - يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بۇشنىڭ تەلىپىگە بىنائەن گۇەنتانامودىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغان. ئەمما ئەينى چاغدا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن گۇەنتانامو تۈرمىسىنى يىل ئاخىرىغىچە تاقاپ بولۇشنى ۋەدە قىلغان، ئەمما تېخى يېقىندىلا بەزى مەسىلىلەر سەۋەبلىك بۇنىڭ 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئوبامانىڭ گۇەنتانامونى تاقاش پىلانى بويىچە ھازىرغىچە گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن جەمئىي 15 نەپەر ئۇيغۇر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالبانىيە، بېرمۇدا ۋە پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەمما يەنە 7 نەپەر ئۇيغۇر ھېلىھەم گۇەنتانامودا ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان 3 - دۆلەتنى كۈتۈپ تۇرماقتا.