ئامېرىكىنىڭ 'بايقاش' بەلگىلىك ئالەم كېمىسى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئالەم پونكىتى ئۈچۈن 300 توننىلىق نۇر تاختىسىنى ئالەمگە ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئالىملار 20 - چېسلا كۈنى ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىپ يۈرۈپ ئىشلەپ، ئۇنى 6 سائەت 7 مىنۇتتا قۇراشتۇرۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ھازىر ئالەم پونكىتىنىڭ كۈن نۇرىدىن ئېلېكتىر ھاسىل قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ %80 پۈتكەن بولۇپ ھېسابلانماقتا.
ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن بۇ نۇر تاختىسى ئالەم پونكىتى ئۈچۈن 120 مىڭ ۋاتلىق ئېلېكتىر قۇۋۋىتى ھاسىل قىلالايدۇ. ئالەم پونكىتى ھازىر ئاسماندا، يەرشارىدا كۈن چىقىۋاتقاندا كۆزەتسە، خۇددى بىر پارلاق يۇلتۇزدەك كۆرىنىدۇ.
