ئالتايدا ئەمەلدارلارنىڭ كىرىم ۋە مۈلۈك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى

ئۇيغۇر ئېلى خەۋەر مەنبەلىرىگە قارىغاندا، 2009 - يىل 1 - يانۋاردىن باشلاپ، ئالتاي ۋىلايىتىدە،ئەمەلدارلارنىڭ كىرىمى ۋە مال مۈلكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىن بۇيان خىتايدا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كىرىم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى، ئەمەلدارلارنىڭ بارلىق مال ‏ - مۈلۈك ئەھۋالىنى ئاشكارا مەلۇم قىلىشقا كېڭەيتىلگەن ئىدى.

مەزكۇر تۈزۈمدە ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزىنىڭ مائاش،،پۇل ۋە بانكا ھېساباتىنى، پاي ‏ - چەك ۋە باشقا كىرىملىرىنى ئاشكارا مەلۇم قىلىش بىلەن تەڭ، مۇقىم مۈلكى، تۇرالغۇ ئۆي، يەر زېمىنى، ئائىلىۋى بىساتى ۋە جۈپتى ھەمدە بالىلىرىنىڭ ئالاھىدە زور كۆلەمدىكى كىرىم ھەم بايلىق ئەھۋاللىرىنىڭ ھەممىنى مەلۇم قىلىش، بەزىلىرىنى مەخپىي مەلۇم قىلىش بېكىتىلگەن.

ئالتايدا مەزكۇر تۈزۈم يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مال ‏ - مۈلۈك ۋە كىرىم ئەھۋاللىرىنى مەلۇم قىلىش نەتىجىلىرى يەنە ئالتاي ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تور بېتىگە ئاشكارا قويۇلىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر خىتايدا مال ‏ - مۈلكى ھەم كىرىم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى 24 مىڭ 864 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، دوكلات قىلىنغان پۇل ۋە مال مۈلۈك قىممىتى 160 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى چىرىكلىكنى تازىلاش ھەم كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە بۇ تۈزۈم خىتاينىڭ بىر قىسىم ئوتتۇرا ھەم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇق، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت مۈلكىگە قول سېلىش ھادىسىلىرىنى نىسبەتەن كونترول قىلىشقا پايدىلىق بولسىمۇ، خىتايدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسى دۆلەت سىستېمىسىدىكى ئىنتايىن چوڭقۇر مەسىلە بولۇپ، بۇ خىل تۈزۈم يەنىلا خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشىنى يىلتىزىدىن تازىلاش ياكى چەكلەشتە ئاجىزلىق قىلىدۇ.