فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئازراق ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللانغان بۇ قانۇن لايىھىسى يەر شارى ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر قانۇن.
بۇ قانۇندا، ئامېرىكىدا قۇللىنىدىغان ئېلىكتېر قۇۋىتىنىڭ 15% ى 2020 - يىلىدىن بۇرۇن كۇن نۇرى، شاما كۈچى، يەر ئىسسىقلىقى ۋە ئۈسۈملۈكلەردىن ھاسىل قىلىنغان، ھاۋانى بۇلغىمايدىغان پاكىز ئېنىرگىيە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قانۇن يەنە، ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان زىيانلىق گازنى چەكلەش، ئۇنىڭ ئورنىغا پاكىز ئېنىرگىيە قوللىنىشنى يولغا قويۇش جەريانىدا خەلققە كۆپ ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
