ئوباما بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس ئارقىلىق يوللىغان مەكتۇبىدا ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس يەكشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ ھەقتىكى مەكتۇپىنى ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋقا تاپشۇرغان.
ئوباما خېتىدە ئەزەربەيجان - ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى تەرىپلىگەن ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇش ئۈچۈن ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە بازىلىرىنى ئارىيەتكە بەرگەنلىكىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئوباما خېتىدە: "مۇناسىۋەتلىرىمىزدە بەزى كەسكىن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن خەۋەردارمەن، ئەمما بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم كامىل" دېگەن.
ئامېرىكا 2001 - يىلى ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەزەربەيجان ھاۋا بوشلۇقىدىن ۋە بىر قىسىم بىرلەشمە قوشۇن قىسىملىرىنىڭ ئەزەربەيجان تۇپرىقىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلغان.
ھالبۇكى، ئامېرىكا دائىرىلىرى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ئەزەربەيجاننى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە ئىدى.