ئامېرىكا توقۇنۇشتىكى ھەر قايسى تەرەپلەردىن بىر - بىرىنى ئەيىبلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلگەنلىكى، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى نەق مەيداندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىيان كەللىي پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىپ، تەرەپلەرنى بىر - بىرىنى ئەيىبلەشتىن خالى تۇرۇشقا چاقىردى.

ئىيان كەللېي مۇنداق دەيدۇ": مېنىڭچە، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە پۈتۈن تەرەپلەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، بىر ‏ - بىرىنى ئەيىبلەشتىن ساقلىنىش، ئوتنى ئۇلغايتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر."

ئىيان كەللېي بۇ سۆزلەرنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈنى سىياسىي بيۇرونىڭ يىغىنىدا ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى "ئۈچ خىل كۈچلەر" پەيدا قىلغان دەپ ئەيىبلەپ، ۋەقەگە قاتناشقانلارنى شىددەتلىك جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي مەتبۇئاتلىرىنى بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەر تارقىتىپ، ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان ئەھۋالدا تەكىتلىدى.

بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارى كلىنتون ئۈرۈمچىدىكى ۋەزىيەتتىن " چوڭقۇر ئەندىشە" قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان ئىدى. ئىيان كەللېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ۋەقەنىڭ دەسلەپكى كۈنى يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلار ئۈستىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.