ئوباما ھۆكۈمىتى ئىندىئانلار ئۈچۈن 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىشكە تەييارلىق كۆرمەكتە

ئاق ساراينىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئەسلى يەرلىك ئاھالىلىرى بولغان ئىندىئانلار ئۈچۈن 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىشكە تەييارلىق كۆرمەكتە. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك ئىندىئانلار بىلەن مۇرەسسە قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالىلىرى بولغان ئىندىئانلار، 19‏ - ئەسىردە يولغا قويۇلغان ئۇلارنى پارچىلاپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن خاتا سىياسەتلەر ئۈستىدىن توختىماي، قانۇنىي يول بىلەن ئەرز قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى ھازىر ئىندىئانلار ئۈچۈن 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بەرمەكچى بولغان. بۇ پۇل، ئاساسەن قانۇن بويىچە ئەرز قىلغان ئەرزدارلارغا بېرىلىدىغان تۆلەم، يەنە بىر قىسىمى ئىندىئانلارنىڭ يەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ياردەم ئىكەن.