ئامېرىكا رەھبەرلىرى مۇخبىر راخسانا سابىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە

ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات ئىران ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلدى، دەپ ئەيىبلىنىپ، تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئايال مۇخبىرغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئىران مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ماخمۇد ئەخمەدى نىجات تېھران تەپتىش دائىرىلىرىغا خەت يېزىپ، مەزكۇر مۇخبىرنىڭ دېلوسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى شۇنىڭدەك ئەيىبلەنگۈچىگە " ئەركىن ۋە قانۇنلۇق ھالدا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىشنى" تەلەپ قىلغان.

"نيۇيورك ۋاقتى " گېزىتنىڭ يېزىشىچە، راكسانا سابىرى ئىسىملىك 31 ياشلىق مۇخبىر ئىران سوتى تەرىپىدىن ئامېرىكا جاسۇسى" دېگەن ئەيىبلەش بىلەن 8 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، بۇ ۋەقە ئامېرىكا رەھبەرلىكىنى نارازى قىلغان.

شەنبە كۈنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پرېزىدېنت ئوباما ئىران تەرەپنىڭ بۇ ھۆكۈمىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىللارىي كلىنتونمۇ مەسىلىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

راخسانا سابىرىنىڭ دادىسى ئىرانلىق بولۇپ، سابىرى ئىران ۋە ئامېرىكا قوش گراژدانى ئىكەن. سابىرى خانىم ئىراندا مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا، بۇ يىل 1 - ئايدا قولغا ئېلىنغان ۋە ئۇنىڭغا ئامېرىكا ئۈچۈن جاسۇسلىق قىلدى، دېگەن جىنايەت ئارتىلغان.

بۇ ۋەقە ئىران - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى ئىزدىنىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن ۋە تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا. ئوبامانىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى راكسانا سابىرىنىڭ ئامېرىكا مۇخبىرى يەنى پەقەت خەۋەرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.