خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق پاكىستان ھۆكۈمىتىنى كۈچلەندۈرۈپ، پاكىستاننىڭ ئۆز چېگرىسى ئەتراپىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئەل - قائىدە ۋە تالىبان كۈچلىرى بىلەن بولغان كۈرىشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان.
ئەمما پاكىستاندىكى بەزى ئۆكتىچى كۈچلەر بۇ پۇلنىڭ پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قارارغا قارشىلىق قىلماقتا. قارارنىڭ لايىھىلىگۈچىسى بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جون كېررىي بۇنىڭ ھەرگىزمۇ پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشنى ۋە پاكىستاننىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئوباما ھۆكۈمىتى بۇندىن بۇرۇن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەنمۇ بىر قاتار كېلىشىملەرگە قول قويغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بولسا ئامېرىكىنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەنلىكىنى، ئافغانىستان ئۇرۇشىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى.
