ۋاشىنگتون پوست گېزىتى بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولفنىڭ خېتىنى ئېلان قىلدى

'ۋاشىنگتون پوست گېزىتى' ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولفنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ھېللارىي كىلىتونغا يازغان خېتىنى ئېلان قىلدى.

بۇ خەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە سىزگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ پايتەختىدە ئۆزلۈكسىز ھالدا ۋەقە يۈز بېرىۋاتىدۇ، خەلق ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتى بىزگە تېخىچە نامەلۇم.

ئەمما ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى بېسىۋاتقانلىقى، خارلاۋاتقانلىقى، ھەتتا پۈتۈن ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى ئۈزۈۋېتىپ ئۇلارنى باستۇرغانلىقىغا دائىرى پاكىتلىق ھۆججەتلەر بىزگە ئايان.

مەن ئىشىنىمەنكى، بۇ ۋەقەلەر ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. مەن سىزنىڭ بۇ ئىشتا ئاخىرىغىچە قاتتىق ئىشلىشىڭىز، خىتاي دائىرىلىرىگە ئىسمىنى ئاتاپ تۇتۇپ، ئەڭ يۇقىرى دېپلوماتىك دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشىڭىز زورۈر.