ئامېرىكا، پەلەستىن خەلقىغە 900 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدە بولىۋاتقان ئامېرىكىدا تاش ئىشلار مىنىستىرى ھېللارىي كلىنتون خانىم 2 - مارت دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن خەلقىغە 900 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقى، بۇنىڭ غەززە رايونىنى قايتا قۇرۇشقا بېرىلىدىغان 300 مىليون ھەمدە پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە بېرىلىدىغان 600 مىليون دوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كلىنتون خانىم يۇقىرىقىلارنى غەززە رايوننى قايتا قۇرۇش خۇسۇسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىئانە توپلاش مۇراسىمىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ يەنە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن باشقا ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدىكى تىنچلىقىنى ئىجابىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپلەردىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، كلىنتون خانىم ئىسرائىلىيە تەرەپكە ئاساسەن يۇمشاق رەۋىشتە پىكىر بايان قىلغان بولۇپ، ئەمما مۇراسىمدا سۆزگە چىققان فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزي، غەززە رايونىنى سىرتقى دۇنياغا ئېچىشقا قىستىدى ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.