مەلۇم بولۇشىچە جاۋابكارلار، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قوراللىرىغا ئائىت چەكلەنگەن زاپچاسلارنى ۋە بىر قىسىم مەخپىي ئۇچۇرلارنى خىتايغا يوللىغان. سوتتا، Wu Zhenzhou, Wei Yu feng ۋە Li bo قاتارلىق 3 كىشى ۋە ئىككى ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتى، چەكلەنگەن ماللارنى يۆتكەش، ساختا مەلۇمات بېرىش ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق 38 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر جاۋابكارلار ئۆتكەن يىل 12 - ئايدا قولغا ئېلىنغان. ئەگەر ئۇلارنىڭ جىنايىتى مۇقىملاشقان ئەھۋالدا، 1 مىليون دوللار ئىقتىسادى جازا ۋە 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
جاۋابكارلاردىن ۋۇ جېنجۇ، ئامېرىكىدا ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ شېنجىن شەھىرىدە شىركەت قۇرغان ۋە ئامېرىكا ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردا تىجارەت قىلغان. ئۇ چەكلەنگەن ماتېرىياللارنى چېگرادىن ئۆتكۈزۈشتە، رەسمىيەت قەغىزىگە يالغان مەلۇمات يازغان.
