بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن بەش يېرىم مىليون دوللار ئاجرىتىلغان. فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان ۋە ئامېرىكا تەرەپ بۇ ئۇچۇرنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئەمما مەزكۇر تەربىيىلەش بازىسىنىڭ ئورنىنىڭ زادى نەدە ئىكەنلىكى نامەلۇم. بەزى پەرەزلەردە قىرغىزىستان ئەسلىدە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن ئاجرىتىلغان جاينى بەرگەن بولۇشى پەرەز قىلىنماقتا.
2009 - يىلى، قىرغىزىستان رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستاندا رۇسىيە ھەربىي بازىسى ئېچىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېف بىلەن دىمىترى مېدۋېدېۋ ئارىسىدا تۈزۈلگەن بۇ كېلىشىمدىن كېيىن، ئۆزبېكىستان بۇنىڭدىن بەك بىئارام بولغان ئىدى.
بۇ ھەقتە رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى كۆپ ئانالىزلارنى ئېلان قىلغان ئىدى. ھەتتا يەنە ئۆتكەن يىلى رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستان كېلىشىم تۈزگەندە، بىشكەك تەرەپ ئامېرىكىنىڭ ماناس ھەربىي بازىسىنى تاقاش تەشەببۇسىمۇ مەيدانغا چىققان، لېكىن كېيىن مەزكۇر بازا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى قوشۇنلىرىغا ئەسلىھە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆتىدىغان مەركەز سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى.
باتكەنت ئوبلاستى ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن قوشنا بولۇپ، بۇ جايدا 10 يىل ئىلگىرى بىر قاتار توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن ئىدى.
