ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىدا سالامەتلىك سۇغۇرتىسى لايىھىسى قوبۇل قىلىندى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى 39 ئاۋازغا قارشى 60 ئاۋاز بىلەن پرېزىدېنت ئوبامانىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئىسلاھات قانۇن لايىھىسىنى قوبۇل قىلدى. تېخى ئۆتكەن ھەپتىدە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا مەزكۇر قانۇن لايىھە قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېڭەش پالاتاسىدىكى 40 نەپەر جۇمھۇرىيەتچى ئەزانىڭ بىر نەپىرىلا بېلەت تاشلاشقا قاتناشمىدى.

ئوباما شەنبە كۈنى قوبۇل قىلىنغان بۇ قارار لايىھىسىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، مەزكۇر قانۇن لايىھە رەسمىي ئەمەلىيلىشىش بىلەن، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى يوق بولغان 31 مىلليون ئامېرىكىلىقنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ھەل بولىدىكەن ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 94% ئادەمنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسى كاپالەتكە ئىگە بولىدىكەن.