مەلۇم بولۇشىچە، ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى كۇرت كامپبېل بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا سەپىرىدە ھىندونېزىيە، لائوس، مالايشىيا سىنگاپور تايلاند قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە بولىدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۇرت كامپبېل مەزكۇر دۆلەتلەردە 7 - مارتتىن - 17 مارتقىچە زىيارەتتە بولىدىكەن. ئۇ بۇ جەرياندا ھىندونېزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىدە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كۇرت كامپبېل يەنە يۇقىرىقى دۆلەتلەردىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ياپونىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ياپونىيىدە زىيارەتتە بولىدىكەن.
ئوباما ھۆكۈمىتى سابىق بوش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق ئۇرۇشى قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە سەل قارىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ۋە بۇ دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
