ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئاقسارايدا جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لى ميوڭباكنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما تۈنۈگۈن ئاقسارايدا جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لى ميونباكنى قوبۇل قىلغان ئىدى. س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى دۆلەت پرېزىدېنتى، ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشى 6 ‏ - ئاينىڭ 12 ‏ - كۈنى شىمالىي كورىيىگە جازا قوللىنىشنى قارار قىلغاندىن بۇيانقى مەسىلىلەر ئۈستىدە پكىر ئالماشتۇردى.

سۆھبەتتىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغاندا، جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لى ميۇنباك 'شىمالىي كورىيە ئېغۋاگەرچىلىك قىلىش ئارقىلىق ھېچقاچان غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك' دەپ جاكارلىدى.

ئوباما بولسا جەنۇبىي كورىيىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە 'شىمالىي كورىيە ئاتوم دۆلىتى دەپ قارالمايدۇ، كورىيە يېرىم ئارىلى چوقۇم يادرو قوراللىرىدىن خالى رايون قىلىنىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ۋەقەنى 'ئوباما شىمالىي كورىيىگە قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ئىنكاس قايتۇردى ۋە جەنۇبىي كورىيىنى چوقۇم مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى' دەپ خەۋەر قىلدى.