'ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرى خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىشىنى خالىمايدۇ'

شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن ھەربىي كومىسسارى مەمەت ھەسەن: "ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرى خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىشىنى خالىمايدۇ" دېدى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى مەمەت ھەسەن مەزكۇر گېزىت مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، "ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرى خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئۇلار شىنجاڭنى خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان بۆسۈش نوقتىسى قىلماقچى"، دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، " شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمى خىتاينىڭ 6/1 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداش. خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىشىنى خالىمايدىغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرى شىنجاڭنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ ھە دېسە ئىش تېرىۋاتىدۇ"، دېگەن.

مىڭپاۋ گېزىتى خەۋىرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلغان: خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5 - ئايدا "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" ئېچىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشقا چارە ئىزدىمەكچى. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى مەمەت ھەسەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشنى چوقۇم كىچىك بالىلارغا بېرىلىدىغان تەربىيىدىن باشلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى مەمەت ھەسەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ مول نېفىت ۋە كان بايلىقلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئەمما قاتناشنىڭ قولايسىزلىقىدىن بۇ بايلىقنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايۋاتقانلىقى، شۇڭا ئۇيغۇر رايونىدا ئالدى بىلەن تاشيول ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ "تەبىئىي شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، قاتناش ئالاقىسىنىڭ قىيىنلىقىدىن" ئىبارەت كونا سۆزىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىۋاتقان بايلىقلاردىن يېتەرلىك مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن نارازى بولماقتا.