ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلغان بىر خىتاي سودىگەرنى سوتلىماقتا

نيۇ - يورك شەھىرىنىڭ مانخاتون رايونىدىكى بىر ئامېرىكا فېدېرال تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە دائىرىلىرى ئىراننىڭ يادرو ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلغان بىر خىتاي سودىگەرنى رەسمى ئەيىبلەپ سوتقا تارتقان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ خىتاي سودىگەرنىڭ ئىسمى لى فاڭۋېي ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتايدا ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يىل 37 ياشلاردىكى لى فاڭۋېي 118 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئەيىبنامىدە لى فاڭۋېي ئىران ھەربىي دائىرىلىرىگە ب د ت ئىرانغا سېتىشنى چەكلىگەن يۇقىرى بېسىملىق ئاليۇمىن قېتىشمىسى قاتارلىق قورال ياراق سانائىتىدە ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللارنى سېتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەيىبنامىدە يەنە لى فامىلىلىك بۇ سودىگەرنىڭ تۈرلۈك ساختا ئىسىم ۋە شىركەت ناملىرىنى قوللىنىپ، نيۇيورك بانكىسىدىكى پۇل ئابروتىنى يوشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لى فاڭۋېي ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزغان ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مانخاتون رايونلۇق تەپتىش ئەمەلدارى روبېرت مورگېنتاۋ ، خىتاي دائىرىلىرىدىن لى فاڭۋېينى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن لى فاڭۋېي چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.