خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرىدىن، جۇ چېڭخۇ ۋە لو يۈەن قاتارلىقلار شىنخۇا ئاگېنتلىقى لياۋ ۋاڭ ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكىغا قارىتا ئىقتىسادىي جەھەتتىن، بولۇپمۇ قەرز پۇل جەھەتتىن ئېمبارگو قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
لو يۈەن قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسىغا قارىتا ئامېرىكا ھەربىي ھەم ئىقتىسادىي مۇتەخەسسىسلىرى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەگەر خىتاي ئامېرىكىغا قارىتا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېمبارگو قويسا، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۆزى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر ھەربىي ئىشلار ئوبزورچىسى جون پايكنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ئامېرىكىنىڭ خەزىنە چېكىنى سېتىۋېلىشنى توختاتسا، باشقىلارنىڭ زايوملارنى سېتىۋالىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ھازىرقى شارائىتتا ئۆزىدىكى كاپىتالنى ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىقلا پۇلنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئوكسفورد كۇلۇبىنىڭ رەئىسى داۋىد فېسسېرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ئامېرىكا خەزىنە چېكىنى سېتىۋېلىشنى توختاتسا، ھەقىقەتەن بۇنىڭ ئامېرىكا خەزىنە چېكىگە ھەم دوللارنىڭ قىممىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا ئامېرىكىدا نۇرغۇن مەبلىغى بار خىتاينىڭ ئۆزى ئېغىر زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
