رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەكلىپتە، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بالونلارنىڭ باھاسى تۆۋەن بولغاچقا، ئامېرىكا سانائىتىگە زىيان سېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە شۇ سەۋەبتىن، بۇ خىلىدىكى بالونلارغا ئۇدا ئۈچ يىل قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر تەكلىپتە يەنە، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بالونلارغا تۇنجى يىلى 55 پىرسەنت باج قويۇش، ئىككىنچى يىلى 45 پىرسەنتكە 3 - يىلى 35 پىرسەنتكە چۈشۈرۈش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ تەكلىپ كېلەر ئايدا پرېزىدېنت ئوباماغا سۇنۇلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا خەلقئارا سودا كومىتېتىنىڭ باشقا ئىككى نەپەر خادىمى بۇ تەكلىپكە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
