خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەھدىت دەپ قارىغۇچىلار، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن ئادالەتسىز رىقابەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا سۇنۇلغان بىر قانچە قېتىملىق ئەرزدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شىركەتلىرى مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئېتىبار بەرمىگىنى ئۈچۈن مەھسۇلاتنىڭ تەننەرقى تۆۋەنلەپ خەلقئارا بازاردا ئۈستۇنلۈك ئىگىلىمەكتە.
ئامېرىكا شىركەتلىرى بولسا سۈپەت ئۆلچىمى ۋە قانۇن-ئىنتىزامغا رىايە قىلغىنى ئۈچۈن مەھسۇلاتىنىڭ تەننەرقى ئېشىپ كېتىپ؛ بازار رىقابىتىدە پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەت ئامېرىكىلىقلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.
CNN تېلىۋىزىيەسى يەنە ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە رايى سىناش ئېلىپ بارغان. رايى سىنالغان 1014 كىشىنىڭ 68% ى خىتاي ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۇرۇپ ئاۋاز بەرگەن.
غەرب دۆلەتلىرىدىكى رايى سىناش پائالىيەتلىرى ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان مۇستەقىل ئاخبارات ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بەزى مەسىلىلەردە سىياسەت بەلگىلەشتە، رايى سىناش نەتىجىلىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
