خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇب چېگرىسىدا تۇتۇلغان قانۇنسىز خىتاي ئاققۇنلارنىڭ سانى جەمئىي 1221 گە يەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ھالبۇكى، بۇ يىل مەزكۇر چېگرىدىن ئامېرىكىغا قانۇنسىز ھالدا سۇقۇنۇپ كىرىدىغان مېكسىكىلىقلار بىر قەدەر تۆۋەنلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىغا سۇقۇنۇپ كىرىدىغان مېكسىكىلىقلار ئادەم بېدىكلىرىگە 1000 دوللار ئەتراپىدا تۆلەيدىكەن. باشقا جەنۇبىي ئامېرىكىلىقلار بولسا 6 مىڭ دوللاردىن 10 مىڭ دوللارغىچە تۆلەيدىكەن. ھالبۇكى، بۇ چېگرىدا تۇتۇلغان خىتايلار بولسا ئادەم بېدىكلىرىگە 30 مىڭ دوللاردىن 70 مىڭ دوللارغىچە تاپشۇرىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل تۇتۇلغان خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك خىتاينىڭ فۇجەن ئۆلكىسىدىن ئىكەن.
