ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى روبېرت گىببس بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن": بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارغا ئائىت ئەھۋاللار ئېنىقسىز. بۇ ئەھۋالدا ۋەقەگە باھا بېرىش ياكى ۋەزىيەت توغرىسىدا ئىلگىرىلىگەن ھالدا پەرەزلەردە بولۇش بالدۇرلۇق قىلىدۇ. بىز شىنجاڭدىكى پۈتۈن تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىمىز."
رۇسىيىدە زىيارەتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى مىدۋىدىۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەقە توغرىسىدا سورىغان سۇئاللىرىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.
ئوباما رۇسىيىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەگە قانداق باھا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ سەپەر ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى، ۋەقە توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىشقا ئۆلگۈرمىگەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالدا ۋەقەگە باھا بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئوباما 9 - ئىيۇلدا ئىتالىيە پايتەختى رىمدا ئېچىلىدىغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەتنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. يىغىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن. ئۈرۈمچىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ۋاقتى دەل رىمدىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن.
