ئاسىيا - تىنج ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىن ئېچىشقا باشلىدى

ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى باشلىنىشتىن بۇرۇن، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا 17 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىرى سېنگاپوردا سودىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈنكى يىغىندا ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش، ئەركىن سودىنى يولغا قويۇش ۋە دېموكراتىيىنى بوغۇۋاتقان ھۆكۈمەتلەرگە جازا قوللىنىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە، خىتاي، تەيۋەن قاتارلىق ئىكىسپورتقا تايىنىدىغان دۆلەتلەر 'سودىدىكى بېكىنمىچىلىككە قارشى تۇرۇش ھازىر جىددىي ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە' دېگەن پىكىردە بولدى.

ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا 'ئىقىتىسادىي كرىزىس جەريانىدا، دۇنيا ئىقتىسادى تېخىچە سودا بېكىنمىچىلىكىنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالمىغانلىقى بىر خوشاللىنارلىق ئىش بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ھازىرقى مەسىلە، سودىدا ھەر ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ ئوخشاش مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىملىقىنى، شۇنداقلا دېموكراتىيىنى بوغۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا دەخلى قىلىۋاتقان بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتگە ئوخشاش ھۆكۈمەتلەرگە جازا قوللىنىش لازىملىقىنى كۆرسەتتى.