بىرلەشكەن‮ ‬دۆلەتلەر‮ ‬تەشكىلاتى: ‬ئاسىيا - تىنچ‮ ‬ئوكيان‮ ‬ئەللىرىدە‮ ‬مىليونغا‮ ‬يېقىن‮ ‬ئايال‮ ‬كېمىيىپ‮ ‬كەتكەن‮

بىرلەشكەن‮ ‬دۆلەتلەر‮ ‬تەشكىلاتى‮ ‬ئېلان‮ ‬قىلغان‮ ‬دوكلاتقا‮ ‬قارىغاندا،‮ ‬خىتاي‮ ‬قاتارلىق‮ ‬ئاسىيا - تىنچ‮ ‬ئوكيان‮ ‬ئەللىرىدە‮ ‬يېمەكلىك،‮ ‬سالامەتلىك‮ ‬جەھەتلەردىكى‮ ‬كەمسىتىش‮ ‬ۋە‮ ‬قىز‮ ‬بوۋاقلارنى‮ ‬تۇغماسلىق‮ ‬قاتارلىق‮ ‬سەۋەبلەردىن‮ ‬100‮ ‬مىليونغا‮ ‬يېقىن‮ ‬ئايال‮ ‬كېمىيىپ‮ ‬كەتكەن.‮

ب ‬د ‬ت ‬مەزكۇر ‬دوكلاتىنى ‬8 - ‬مارت ‬ئاياللار ‬بايرىمى ‬مۇناسىۋىتى ‬بىلەن ‬ئېلان ‬قىلغان. ‬دوكلاتتا، ‬ئاسىيا - تىنچ ‬ئوكيان ‬ئەللىرىدە ‬ئاياللارنىڭ ‬ھوقۇق ‬ۋە ‬ياشاش ‬مۇھىتى ‬دۇنيانىڭ ‬

باشقا ‬جايلىرىدىكىگە ‬قارىغاندا ‬ئەڭ ‬ئېغىر ‬دەخلىگە ‬ئۇچرايدىكەن.

دوكلاتقا ‬قارىغاندا، ‬خىتاي ‬ۋە ‬ھىندىستاننى ‬ئۆز ‬ئىچىگە ‬ئالغان ‬ئاسىيا ‬ئەللىرىدە ‬جەمئىي ‬96 ‬مىليون ‬ئايال ‬كەم ‬بولۇپ، ‬مەسىلە ‬خىتاي ‬ۋە ‬ھىندىستاندا ‬ئەڭ ‬ئېغىر ‬ئىكەن. ‬مەلۇم ‬بولۇشىچە، ‬خىتاي ‬ۋە ‬ھىندىستاندا ‬جەمئىي ‬85 ‬مىليون ‬ئايال ‬كەم ‬ئىكەن.

خىتاي ‬مەدەنىيىتىدە ‬ئوغۇللارنى ‬ئەزىزلەش، ‬قىزلارنى ‬خارلاش ‬خاھىشى ‬بىر ‬قەدەر ‬ئېغىر ‬دەپ ‬قارالماقتا. ‬خىتاي ‬يولغا ‬قويغان ‬پىلانلىق ‬تۇغۇت ‬سىياسىتى ‬تۈپەيلى، ‬نۇرغۇن ‬ئاتا - ئانىلار ‬قىز ‬بوۋاقلارنى ‬تۇغماي ‬پەقەت ‬ئوغۇل ‬بوۋاقلارنىلا ‬تۇغىدىغان ‬ئىجتىمائىي ‬مايىللىق ‬ئېغىرلاشقان.

2009 - ‬يىل ‬بۇ ‬ھەقتە ‬ئېلىپ ‬بېرىلغان ‬بىر ‬تەتقىقات ‬نەتىجىسىگە ‬قارىغاندا، ‬خىتاي ‬نۆۋەتتە ‬تەڭ ‬ياشتىكى ‬قىزلارغا ‬سېلىشتۇرغاندا ‬32 مىليون ‬ئوغۇل ‬كۆپ ‬بولۇپ، ‬بۇ ‬پەرق ‬كەلگۈسى 20 ‬يىلدا ‬تېخىمۇ ‬ئېشىپ ‬خىتايدا ‬مىليونلىغان ‬ئوغۇللار ‬لايىقسىز ‬قالىدىغان ‬ھادىسە ‬مەيدانغا ‬چىقىش ‬مۇمكىن ‬ئىكەن.