ب د ت مەزكۇر دوكلاتىنى 8 - مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەللىرىدە ئاياللارنىڭ ھوقۇق ۋە ياشاش مۇھىتى دۇنيانىڭ
باشقا جايلىرىدىكىگە قارىغاندا ئەڭ ئېغىر دەخلىگە ئۇچرايدىكەن.
دوكلاتقا قارىغاندا، خىتاي ۋە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا ئەللىرىدە جەمئىي 96 مىليون ئايال كەم بولۇپ، مەسىلە خىتاي ۋە ھىندىستاندا ئەڭ ئېغىر ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ۋە ھىندىستاندا جەمئىي 85 مىليون ئايال كەم ئىكەن.
خىتاي مەدەنىيىتىدە ئوغۇللارنى ئەزىزلەش، قىزلارنى خارلاش خاھىشى بىر قەدەر ئېغىر دەپ قارالماقتا. خىتاي يولغا قويغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تۈپەيلى، نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار قىز بوۋاقلارنى تۇغماي پەقەت ئوغۇل بوۋاقلارنىلا تۇغىدىغان ئىجتىمائىي مايىللىق ئېغىرلاشقان.
2009 - يىل بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتاي نۆۋەتتە تەڭ ياشتىكى قىزلارغا سېلىشتۇرغاندا 32 مىليون ئوغۇل كۆپ بولۇپ، بۇ پەرق كەلگۈسى 20 يىلدا تېخىمۇ ئېشىپ خىتايدا مىليونلىغان ئوغۇللار لايىقسىز قالىدىغان ھادىسە مەيدانغا چىقىش مۇمكىن ئىكەن.
