ب د ت ئەلچىسى باشقا دۆلەتلەرنى گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈرمىلەردىكى "تەن جازاسى" نى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئەلچىسى مانفەرد نوۋاك باشقا دۆلەتلەرنى گۇئانتاناموغا خاتا قامىلىپ قالغان تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاۋستىرىيە ئاممىۋى رادىئو ئىستانسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرگەن.

زىيارەت جەريانىدا مانفرەد نوۋاك يەنە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا ئىختىلاپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، يېڭى سايلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ھۆكۈمىتىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشقا چاقىرغان.

ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە قامىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنى بىخەتەر ۋە گۇناھسىز دەپ تەكىتلىگەن نوۋاك، ياۋروپا ئەللىرىنى مەزكۇر تۇتقۇنلارنى مۇساپىر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە نوۋاك يەنە، گۇئانتانامودىكى نۇرغۇن تۇتقۇنلارنىڭ نامۇۋاپىق جايلارغا، كاج پەيتلەردە بېرىپ قالغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە "ئۇلارنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

نۆۋەتتە گۇئانتانامو تۈرمىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇرمۇ بارىدىغان يېرى يوق قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىلى گۇەنتەر نوك گېرمانىيىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.