ب دت نىڭ جازالاش تەدبىرلىرى شىمالى كورىيىنى ئامالسىز قالدۇرماقتا

ب د ت نىڭ جازالاش تەدبىرلىرى ھازىر شىمالى كورىيىنىڭ چەتئەللەرگە قورال سېتىش تىجارىتىنى پالەج قىلىپ قويدى. رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ سىئۇلدىن خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ شىمالى كورىيىنى جازالاش تەدبىرلىرى ھازىر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. شىمالى كورىيىنىڭ پاراخوتلىرى يەر شارى خارەكتىرلىق ھەمكارلىق نەتىجىسىدە، دېڭىزدا قاتتىق نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقتىن، شىمالى كورىيە ھازىر چەتئەللەرگە قورال يۆتكىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.

شىمالى كورىيىە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۈگۈن يەنە 7 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شىمالى كورىيىگە 'كورىيە يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك' دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئامېرىكىدىكى چەتئەل تەتقىقات ئىنىستىتوتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىمالى كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىش ئارقىلىق قازىنىۋاتقان يىللىق تاپاۋىتى 1 مىليارد 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. شىمالى كورىيە 1980‏ - يىللاردىن باشلاپلا ئىران، پاكىستان، مىسىر، سۇرىيە، يەمەنلەرگە 'رودوڭ' بەلگىلىك ئوتتۇرا مۇساپىلىق ئوت قۇيرۇقلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئوقسىمان باشقۇرۇلىدىغان بامبا سېتىپ كېلىۋاتىدۇ. بىھۇش قىلغۇچى دورىلارنى سېتىش ۋە ساختا ئامېرىكا دوللىرى قوللىنىشمۇ شىمالى كورىيىنىڭ يەنە بىرخىل تاپاۋىتى بولۇپ كەلمەكتە.