خىتاي تىلىدا گۇئوگەن، ئىنگلىز تىلىدا كوكاڭ دەپ ئاتالغان بۇ جاي بېرما تەۋەسىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن قۇرۇپ بېرىلگەن ئاپتونومىيىلىك رايون بولۇپ، ئۇ بېرما ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولسىمۇ، بىراق بېرما ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىش ھوقۇقلىرى بېرىلگەن ھەتتا مەزكۇر جاينىڭ ئۆز ئالدىغا ھەربىي قوشۇن تەسىس قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان ئىدى.
كوكاڭ رايونىدىكى يەرلىك قوشۇن بىلەن ھۆكۈمەت قوشۇنى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچراپ، نەتىجىدە كۆپ ساندىكى كوكاڭ ئەسكەرلىرى خىتاي تېررىتورىيىسىگە ئىچىگە قېچىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى يېشىل ھەربىي كىيىملىرىنى پۇقرالار كىيىمىگە ئالماشتۇرۇپ، مۇساپىرلار لاگىرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرچە 30 مىڭ ئەتراپىدا خىتاي كۆچمىنى بىرما چېگرىسىدىن ئۆتۈپ، خىتاي چېگرىسى ئىچىگە قېچىپ كىرىپ پاناھلانماقتا. خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ۋېنخۇيباۋ" گېزىتىنى كوكاڭ رايونىنىڭ رەئىسى پېڭجياشېڭنىڭ ئىز - دېرىكى يوقلۇقى، بەلكى ئۇنىڭ قېچىپ كەتگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، "يەر شارى ۋاقتى" گېزىتى مەزكۇر كىشى بىلەن ئالاقە ئورنىتىلغانلىقى، ئۇنىڭ ھازىر بېرما تەۋەسىدە داۋاملىق كوكاڭ قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كوكاڭ رايونى ھازىر بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئاساسەن دېگۈدەك ئىگىلەنگەن بولۇپ، خىتايغا قېچىپ كەلگەن كوكاڭ قوراللىق ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
