بېرمۇدا باش مىنىستىرى ئۇيغۇرلار سەۋەبىدىن ئىستىپا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بېرمۇدا باش مىنىستىرى ئېۋارت بروۋېن پەيشەنبە كۈنى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن 4 كىشىنى بېرمۇداغا مەزكۇر قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبى ئۆزىگە نارازى كىشىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقى پەرەز ئىچىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بروۋېن، ئۆكتىچىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئۇنىڭ "بىر ئاجىزلىقى" دەپ قاراۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پارتىيىسى يەنى بېرمۇدا پارلامېنتىدا 8 كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە ئەمگەك ئالغا پارتىيىسىنىڭ ئۆزىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، مۇخبىرلارغا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "مەن ئىستىپا بېرىشىم كېرەكمۇ ؟ ئەلۋەتتە ياق" دېگەن.

باش مىنىستىر ئېۋارت بروۋېن يېقىندا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن 4 كىشىنى بېرمۇداغا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى بۇ ئاتلانتىك ئوكيان ئارىلىدا پاناھلىق بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئاتلانتىك ئوكياندىكى بۇ كىچىككىنە ساياھەت ئارىلى خەلقئارا جامائەتنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

بروۋېننىڭ قارارىدىن نازارى بولغان بېرمۇدالىقلار، نارازىلىقىنىڭ ئارالدىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرغا قارىتىلمىغانلىقىنى، لېكىن باش مىنىستىرنىڭ بۇ ئىشتا بېرمۇدا خەلقىگە مەسلىھەت سالمىغانلىقىغا نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جۈمە كۈنى يەنە نامايىش قىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پەيشەنبە كۈنى تەخمىنەن 800 دەك كىشى نامايىش قىلىپ، بروۋېننىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن بروۋېن، ئۆزىنىڭ "كۈرەشكە ھازىر" ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا جۈمە كۈنى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بېرمۇدادىكى ئۇيغۇرلار بولسا بۇ ئارالدا رېستۇران ئېچىپ، يېڭى ھايات باشلاش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.