بېيجىڭدا 'شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى' ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

بېيجىڭدىكى جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېقىندا "شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا بېيجىڭدىكى نۇرغۇنلىغان تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى قاتنىشىپ، 60 يىلدىن بېرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي سىياسىتى ھەققىدە كەڭ مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ باردى.

يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىل "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى زادى نېمە؟" دېگەن تېمىدىكى مۇنازىرىدە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقىقىي ئاپتونومىيە يۈرگۈزمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىغا توختىماي خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە 1949 - يىلىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئاران 6 پىرسەنتلىكىنى، بۈگۈن بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 46 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدە بولسا 90 پىرسەنتتىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتتى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

يىغىنغا قاتناشقان باشقا خىتاي ئالىملارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بۇ خاتالىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھەم بىر ئۈمىد بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى: "بىز ئۇيغۇرلارغا ھەم سىياسىي، ھەم دىنىي جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار ئۆيىدە تاۋاپ قىلسا، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى دېيىش تولىمۇ كۈلكىلىك. قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت دېگەن زادى نېمە؟" دېگەن سوئالنى قويدى.

بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇ يىغىندا مۇتەخەسىسلەر يەنە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چىقىرىش جەريانىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدىن چىققان نېفىت ۋە تەبىئىي گازدىن قىلچىلىكمۇ نەپ ئالالمايۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.