شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇر بەكرى يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا توشۇشنى مەركەزنىڭ "شىنجاڭغا بولغان زور دەرىجىدىكى قوللىشى"دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ سۆزىدە " مەن ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تېزلىك بىلەن ئىقتىسادى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقىغە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن "دەپ تەلەپ قىلغان.
«غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يەتكۈزۈش»، «غەربنىڭ نېفىتىنى شەرققە يەتكۈزۈش»، «غەربنىڭ كۆمۈرنى شەرققە يەتكۈزۈش»قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا توشۇپ، ئۇ جايلارنى تەمىنلەش قۇرۇلۇشلىرى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تارىم ۋادىسىدىكى تەبىئىي گازلىقلاردىن ئېلىنغان گازلار گاز تۇرۇبىلىرى ئارقىلىق شاڭخەي شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەھەر، ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈلمەكتە.
يېقىندا تارىم ۋادىسىدىن يەنە يېڭى تەبىئىي گاز زاپاسلىرى تېپىلغان بولۇپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تارىم تەبىئىي گازلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ قېزىش ۋە توشۇش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەندىن تاشقىرى يەنە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستان ھەم رۇسىيە بىلەنمۇ تەبىئىي گاز كېلىشىملىرى تۈزۈپ، بۇ دۆلەتلەردىكى تەبىئىي گازلارنى گاز تۇرۇبۇلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىچكىرىگە خىتايغا توشۇشىنى پىلان قىلغان ئىدى.
