چاپچال ناھىيىسىدە 5 بال يەر تەۋرىدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چاپچال ناھىيىسى تەۋەسىدە 25 - يانۋار ئەتىگەندە 5 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، خىتايدىن چىقىدىغان "خەلق تورى"دا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرتەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم 4500 دىن ئارتۇق.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يەر تەۋرەش ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7 لەر ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى موڭغۇلكۈرە رايونلىرىدىمۇ كۆرۈنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يەر تەۋرەشتە ئىككى يۈزگە يېقىن ئۆي ئۆرۈلگەن، 3 مىڭ ئېغىزغا يېقىن ئۆي زەخمىلەنگەن ھەمدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانى 4549 غا يەتكەن بولۇپ، ئەمما ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى كۆرۈلمىگەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر رايوندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تېخى تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز.