خىتاي ھۆكۈمىتى چېن گۇاڭچىڭنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا يول قويۇش سىگنالى بەردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭنىڭ چەتئەلگە چىقىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىن جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ: ئەگەر ئۇ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئۇنىڭغا بىر جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىدە، باشقا جۇڭگو پۇقرالىرىغا ئوخشاشلا نورمال قانۇنىي يوللار بىلەن رەسمىيەت بېجىرىپ بېرىلىدۇ، دېگەن.

ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سۆزىدە سەمىمىي بولسا، بۇ ئۇنىڭ چېن گۇاڭچېڭنى چەتئەلگە قويۇپ بېرىپ، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەتنى مەشغۇل قىلىۋالغان بۇ دىپلوماتىك باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىدىكى بۇ خىل تەرەققىياتتىن ئىلھاملانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ جۈمە كۈنى خىتايدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ: چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئىستىگىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىش مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش بولدى. رەسمىيەت جەريانى پۈتكۈچە بىز ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئالاقىدە بولۇپ تۇرىمىز، دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاند باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنىڭ پاسپورت ئىلتىماسىنى تېز ئىشلەپ بېرىشكە چاقىرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چېن گۇاڭچېڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا ۋىزا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇلاندنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت چېن گۇاڭچېڭغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرگەن.