ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن چېن گۇاڭچېنگە ۋىزا بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئەما ئۆكتىچى چېن گۇاڭچېنگە ۋىزا بېرىشكە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جوي بايدىن بۇ سۆزىنى ئامېرىكىنىڭ ن ب ك تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان.

بايدىن سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ چېن گۇاڭچېننىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ، نىيورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىش ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بايدىن يەنە چېن گۇاڭچېننىڭ كېلەچىكى ئامېرىكا، دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئېلىپ ئامېرىكىغا كېلىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى چېن گۇاڭچېننىڭ رەسمىيەت بېجىرىپ، چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.