ئەما كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى چېن گۇاڭچېڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا خىتايدىن ئايرىلىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى

خىتايدىكى ئەما كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى چېن گۇاڭچېڭ سەيشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەم فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىغا، ئۆزىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا خىتايدىن ئايرىلىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.

8-ماي كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېن گۇاڭچېڭ، ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئۇنى يوقلاپ كەلگەن ئەمەلدارلىرىدىن، پاسپورت بېجىرىش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغىنىدا، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېن گۇاڭچېڭ بۈگۈن فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا يەنە، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان، ئۇنى يوقلاپ كەلگەن دوستلىرىدىن باشقا، ئامېرىكا ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭمۇ دوختۇرخانىغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا يۇرتى سەندۇڭدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن جىيەنى چېن كېگۈينىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەڭ تېز مۇددەت ئىچىدە خىتايدىن كېتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.