مەلۇم بولۇشىچە، 5 - نويابىر ئۈرۈمچىدە 3 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە تارماقلىرى يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىندا، چوشقا زۇكىمىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 14 رايونغا تارقالغانلىقى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مەزكۇر زۇكام بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى مەكتەپلەردە ئوخشاش كۆرۈلگەن. يۇقۇمدارلار 10 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغانلار ئارىسىدا بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بۇ ياشتىكىلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى 75 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن.
ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئەگەر مەكتەپلەردە يۇقۇمدارلار سانى ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىدىن ئاشقان شارائىتتا دەرس توختىتىشنى بەلگىلىگەن.
نۆۋەتتە مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مىللەت تەركىبى ئېنىق ئەمەس. خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن. ھالبۇكى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
