شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەنە 10 نەپەر يۇقۇمدار بايقالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 1 نەپىرى ئۆلۈپ كەتكەن، 7 نەپىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يۇقۇمدارلار ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىر قەدەر كوپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، نەتىجىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تارماقلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئەگەر بىر سىنىپتا بەش ئوقۇغۇچىدا قىزىش ئالامىتى كۆرۈلسە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىش، قىزىغانلار 10 دىن ئاشسا دەرھال دەرس توختىشىنى بەلگىلىگەن
مەلۇم بولۇشىچە، چوشقا زۇكىمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 13 ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدا بايقالغان.
