ئەمما، مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، فرانسىيە بىلەن خىتاي دىپلوماتىيە ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان بۈگۈنكى پائالىيەت فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋمۇ بۈگۈن ياۋروپا زىيارىتىدە فرانسىيىگە كىرمەي ئۆتۈپ كەتكەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ بۇلتۇر 12 - ئايدا پولشادا تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي - فرانسىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يىرىكلىشىشكە باشلىغان ئىدى.
خىتاي ھازىرغا قەدەر فرانسىيىدىن بۇ ھەقتە خىتايغا ناماقۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
