دالاي لاما خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي ئارۇناچالنى زىيارەت قىلدى

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە مىڭ لاما دىنىي مۇرىتلىرى ئارۇناچال پرادېش رايونىدا تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قارشى ئالدى. دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى بۇ جايغا تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن كەلگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ بۇ يەرنى زىيارەت قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، دالاي لاما بۇ مەسىلىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ نەگە بارسىلا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى، بۇنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكى ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ سىياسىي تۈس ئالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دالاي لاما بۇ جايدا بىر ھەپتە زىيارەتتە بولماقچى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جەنۇبىي تىبەت دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوندا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىزچىل داۋا قىلماقتا ھەمدە 1962 - يىلىدىكى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشمۇ مەزكۇر رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغا جايلارنىڭ زېمىن مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئىدى. ھىندىستان بولسا، بۇ جاينى ئۆزىنىڭ بىر شىتاتى سۈپىتىدە قارىماقتا.