دالاي لاما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئايال جاسۇسلار ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئايال جاسۇسلار ئارقىلىق ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇنى خىتاي رەت قىلدى.

دالاي لامانىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى يەكشەنبە كۈنى ئەنگلىيىدە چىدىغان «تېلېگراف» گېزىتىگە بېسىلغان. گېزىتتە نەقىل قىلىشىچە، باشقىلار دالاي لامانى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ تىبەت ئايال جاسۇسلارنى تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ چېچىغا زەھەر سۈركەش ئارقىلىق دالاي لامانى ئولتۇرۇش قەستىدە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي جاسۇسلىرى چاچ ۋە دالاي لاماغا تارتۇق قىلىنىدىغان ئاق شايىغا زەھەر سۈركەپ، دالاي لاماغا باش ئۇرغىنى كەلگەن سىياقتا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدىكەن ۋە دالاي لاما ئۇلارنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، بەخت تىلىگەندە دالاي لامانى زەھەرلەشنى پىلان قىلغان ئىكەن.

دۈشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېي دالاي لامانى ساختا ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دالاي لاما دىنىي تونغا ئورنىۋېلىپ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا جۇڭگوغۇ قارشى بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانماقتا ۋە ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ ئاممىنى ئالدىماقتا.

دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ھىندىستاننىڭ دارامسالادا پائالىيەت قىلماقتا. ھەر يىلى مىڭلىغان ئون مىڭلىغان بۇددىست دارامسالاغا كېلىپ، دالاي لاماغا باش ئۇرىدۇ ۋە دالاي لامانىڭ دۇئاسىنى ئالىدۇ.