دالاي لاما خىتاي - ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان رايوننى زىيارەت قىلماقچى

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى ئارۇناچالغا زىيارەتكە بارىدۇ. ئارۇناچال پارادىش رايونى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا چېگرا مەسىلىسى ئىزچىل ھەل بولماي كېلىۋاتقان رايون ئىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.11.06

گەرچە ئارۇناچال پارادىش ھازىر ھىندىستان ئىگىدارچىلىقىدا بولسىمۇ، ئەمما خىتاي داۋاملىق ھالدا بۇ يەردە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. شۇڭا خىتاي دالاي لامانىڭ ئارۇناچالنى زىيارەت قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ياپونىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان دالاي لاما زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى ئاسىيادىكى ئىككىنچى چوڭ لاما بۇدخانىسى جايلاشقان ئارۇناچالغا يېتىپ كېلىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ھىنىدىستاننىڭ دالاي لامانىڭ ئارۇناچالنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق سىياسىي ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى، دالاي لامانىڭ زىيارىتىنى كوزۇر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان دائىرىلىرى ۋە تىبەتلەر دالاي لامانىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ سىياسەت بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ پەقەتلا لاما بۇتخانىسىغا كېلىپ مۇرتلىرىغا دەرس بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ھازىر ئارۇناچالدا تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، لاما بۇدخانىسىمۇ بايرام قىزغىنلىقىغا چۆمگەن. ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن يىگىرمە مىڭ بۇددىسست دالاي لامانىڭ 3 كۈنلۈك نوم سۆھبىتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلغان.

دالاي لامانىڭ بۇ قېتىملىق ئارۇناچال زىيارىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، ھەر قايسى چوڭ خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى دالاي لامانىڭ ئارۇچال زىيارىتىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىدىكەن. ئەمما ھىندىستان دائىرلىرى بولسا چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئارۇناچالغا كېلىشىنى چەكلەش قارارى چىقاردى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بۇ رايونغا دالاي لامانىڭ كېلىشىگە قاتتىق نارازى بولۇپ، ھىندىستان دائىرىلىرىنىمۇ كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان ۋە دالاي لامانىڭ يالغان سۆزلەپ خىتاي بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.